专业歌曲搜索

B'aHor - Ranglik/账号已注销.mp3

B'aHor - Ranglik/账号已注销.mp3
[00:00.000] 作词 : Ranglik ...
[00:00.000] 作词 : Ranglik
[00:01.000] 作曲 : Ranglik
[00:29.664]خەيرىلىك كەچ مەڭگۈلۈك پەرىشتەم،
[00:33.172]ئەگەر سېنى ئۆزۈمدىنمۇ ئارتۇقراق سۆيىمەن،
[00:37.916]دېسەم مېنى مەسخىرە قىلارسەنمۇ ياكى تەسىرلىنەرسەنمۇ؟
[00:42.171]مەيلى نىمىلا بولسۇن مەن ساڭا بۇ مەكتۇپنى،
[00:45.407]يېزىۋاتقان چېغىمدا قوللۇرۇم تىترەۋاتقاندەك،
[00:50.665]قەلبىمنى قانداقتۇر بىر ئازابلىق ھەم گۈزەل تۇيغۇ چىرمىۋالغاندەك قىلاتتى.
[00:55.169]مەن ئۆز تەسەۋۋۇرۇم ۋە چەكسىز سۆيگۈم بىلەن ئوت كەبى يانماقتىمەن،
[01:00.402]ئۇ ئوت ئۇچقۇنلىرى تاكى سېنىڭ كۆزۈڭنى قاماشتۇرۇپ،
[01:07.670]دىلىڭدىكى چەكسىز قارمۇزلارنى ئىرىتىپ تۈگەتكۈچە توختىماي كۆيىمەن.
[01:15.421]مەن ھەر كۈنى سەن ئۈچۈن بىر پارچە مەكتۇپ يازىمەن،
[01:23.915]مەن ھەر كۈنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى ئازاب ھەم شادلىق،
[01:32.918]مۇھەببەت ھەم نەپرىتىمنى، كۈلۈمسىرەشلەر ئارىسىدىكى بىغۇبار غەمكىنلىكىمنى ساڭىلا،
[01:39.911]پەقەت ساڭىلا ئىزھار قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.
[01:48.661]بۇ گويا دەقىقە ئىچىدىكى چەكسىزلىككە ئوخشايدۇ،  ئىشىنىمەنكى :
[02:00.170]ئۆمۈر تۈگەيدۇ ئەمما سۆيگۈ مەڭگۈلۈككە ئايلىنالايدۇ،
[02:34.910]ئەگەر ئەتىلا ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن ساڭا ۋە ئەتراپىمدىكى ھەر بىر كىشىگە،
[02:40.167]يۇلتۇزلارغا،  قاپقاراڭغۇ تۈنلەرگە، ھەتتا ياپراقلارغىمۇ تەشەككۈر بىلدۈرمەن.
[02:46.670]قەدىرلىك پەرىشتەم،
[02:52.915]دەرىزەڭنى ئېچىپ يول چىرغى ئاستىدىكى تەنھار خەت ساندۇقۇڭغا قارىغىن،
[02:58.421]ئاندىن ئاستا چىقىپ بىر تال ئەتىرگۈل بىلەن بۇ مەكتۇبىمنى تاپشۇرۇپ ئالغىن…
[03:04.176]يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى خىلۋەت ھۇجراڭدىكى ئاجىزغىنە شام نۇرى ۋە مەشتە كۆيىۋاتقان سۇس ئوت يالقۇنى،
[04:25.169]سېنىڭ ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۈلۈمسىرشىڭنى چۇقۇم چۈشۈمگە ئېلىپ كىرىدۇ…
展开