LRC歌词下载
[00:00.000] 作词 : Ranglik[00:01.000] 作曲 : Ranglik[00:29.664]خەيرىلىك كەچ مەڭگۈلۈك پەرىشتەم،[00:33.172]ئەگەر سېنى ئۆزۈمدىنمۇ ئارتۇقراق سۆيىمەن،[00:37.916]دېسەم مېنى مەسخىرە قىلارسەنمۇ ياكى تەسىرلىنەرسەنمۇ؟[00:42.171]مەيلى نىمىلا بولسۇن مەن ساڭا بۇ مەكتۇپنى،[00:45.407]يېزىۋاتقان چېغىمدا قوللۇرۇم تىترەۋاتقاندەك،[00:50.665]قەلبىمنى قانداقتۇر بىر ئازابلىق ھەم گۈزەل تۇيغۇ چىرمىۋالغاندەك قىلاتتى.[00:55.169]مەن ئۆز تەسەۋۋۇرۇم ۋە چەكسىز سۆيگۈم بىلەن ئوت كەبى يانماقتىمەن،[01:00.402]ئۇ ئوت ئۇچقۇنلىرى تاكى سېنىڭ كۆزۈڭنى قاماشتۇرۇپ،[01:07.670]دىلىڭدىكى چەكسىز قارمۇزلارنى ئىرىتىپ تۈگەتكۈچە توختىماي كۆيىمەن.[01:15.421]مەن ھەر كۈنى سەن ئۈچۈن بىر پارچە مەكتۇپ يازىمەن،[01:23.915]مەن ھەر كۈنى قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىكى ئازاب ھەم شادلىق،[01:32.918]مۇھەببەت ھەم نەپرىتىمنى، كۈلۈمسىرەشلەر ئارىسىدىكى بىغۇبار غەمكىنلىكىمنى ساڭىلا،[01:39.911]پەقەت ساڭىلا ئىزھار قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.[01:48.661]بۇ گويا دەقىقە ئىچىدىكى چەكسىزلىككە ئوخشايدۇ، ئىشىنىمەنكى :[02:00.170]ئۆمۈر تۈگەيدۇ ئەمما سۆيگۈ مەڭگۈلۈككە ئايلىنالايدۇ،[02:34.910]ئەگەر ئەتىلا ئۆلۈپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ مەن ساڭا ۋە ئەتراپىمدىكى ھەر بىر كىشىگە،[02:40.167]يۇلتۇزلارغا، قاپقاراڭغۇ تۈنلەرگە، ھەتتا ياپراقلارغىمۇ تەشەككۈر بىلدۈرمەن.[02:46.670]قەدىرلىك پەرىشتەم،[02:52.915]دەرىزەڭنى ئېچىپ يول چىرغى ئاستىدىكى تەنھار خەت ساندۇقۇڭغا قارىغىن،[02:58.421]ئاندىن ئاستا چىقىپ بىر تال ئەتىرگۈل بىلەن بۇ مەكتۇبىمنى تاپشۇرۇپ ئالغىن…[03:04.176]يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى خىلۋەت ھۇجراڭدىكى ئاجىزغىنە شام نۇرى ۋە مەشتە كۆيىۋاتقان سۇس ئوت يالقۇنى،[04:25.169]سېنىڭ ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىز كۈلۈمسىرشىڭنى چۇقۇم چۈشۈمگە ئېلىپ كىرىدۇ…